Saturday, October 5, 2024
Homeالصين تضطهد المسلميندەنھاگدا باشلانغان «دۇنيا پۇقرالار سوتى» دا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىيهذا مقال من راديو...

دەنھاگدا باشلانغان «دۇنيا پۇقرالار سوتى» دا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىيهذا مقال من راديو آسيا الحرة قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/denhag-dunya-puqralar-soti-07112024194248.html

ئىگىلىشىمىزچە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاھ شەھىرىدە «دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى» ئېچىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلگەن.

11-ئىيۇل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى خانىم تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدىن تۇغقان يوللاش ئۈچۈن يۇرتىغا بارغىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە شاھىت بولغان ۋەقەلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

مەزكۇر سوتتىكى ئىسپات بېرىشتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم، ئۆزىنىڭ بۇ سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش تەكلىپىنى ئالغان چېغىدا ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ئازاب چەككەن مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق سوتتا تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئادرىئان زېنس ئەپەندى، تور ئارقىلىق بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئازىيىپ كېتىشى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى؛ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە توپلاپ، ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى؛ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنىڭ مەجبۇرىي خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادرىئان زېنزنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىق كۈچلۈك گۇۋاھلىقى، مەزكۇر سوتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم پاكىتلارنىڭ بىرى بولغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادرىئان زېنز ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىغا قويۇلغان سوئاللارغىمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ، سوت مەيدانىدىكى كىشىلەرنى قايىل قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، دەنھاگدىكى «دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى» ئېچىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان بىر قىسىم گۇۋاھچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان.

بۇنداق تەھدىتكە ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى، 11-ئىيۇل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۆز ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 19 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىدۇر.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى كوللېكتىپ ۋە يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بۇ يىللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈ ئورنىدا قوللىنىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. ئۇ بۇ قېتىملىق سوتتا بۇلارنى ئىسپات ئورنىدا بىرمۇ-بىر بايان قىلغان.

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى» ئېچىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى «تېلېگرام» دىن ئاكىسىنىڭ نامىدا كەلگەن يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇش يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا يوللانغان بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە دادىسىنىڭ ئېغىر كېسەل ھالىتىدە كارىۋاتتا ياتقان ھالىتى ۋە كۆزلىرى زەخمىدىن كۆكىرىپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇنى ئېغىر ئازابلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇنى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچكۈزەلمىگەن.

11-ئىيۇل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرى يىغىنىدا تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق سوتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى» نىڭ شى جىنپىڭ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئاچقان سوتى 12-ئىيۇل، يەنى جۈمە كۈنى يېپىلىدىكەن. شۇ كۈنى ئالدىنقى كۈنلەردىكى گۇۋاھلىقلاردىن خۇلاسە چىقىرىلىدىكەن.

RELATED ARTICLES

Most Popular

Recent Comments